لاۋروۋ، ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل توغرىسىدا توختالدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، تاشقى كۈچلەرنىڭ سۈرىيە، ئىراق ۋە لىۋىيەدىكى مۇداخىلىلىرىنىڭ پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ۋە تېررورچىلارغا قولاي مۇھىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

862379
لاۋروۋ، ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ پايتەخت موسكۋادا، ئانتاكيا ۋە پۈتكۈل شەرق رىم ئورتودوسكلىرى باش ئېپىسكوپى 10 – يوھەننا يازىجى بىلەن كۆرۈشتى.

سېرگېي لاۋروۋ رايوننىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىرى ئالماشتۇرۇلغان مەزكۇر ئۇچرىشىشتا سۆز قىلىپ، «(رۇسىيە) تاشقى كۈچلەرنىڭ سۈرىيە ، ئىراق ۋە لىۋىيەگە مۇداخىلە قىلىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن تار دائىرىلىك جېدەلخور سىياسەتلىرىنىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئەڭ ئاكتىپ شەكىلدە داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

سېرگېي لاۋروۋ، مەزكۇر مۇداخىلىلەرنىڭ رايوندا پاجىئە ياراتقانلىقىنى، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ گۈمۈرۈلگەنلىكىنى ۋە تېررورچىلار بىلەن ئاشقۇنلۇققا مايىل كۈچلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە ناھايىتى ماس مۇھىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر