فەنەر رۇم پاترىخى بارتولوموس قۇددۇسنى زىيارەت قىلدى

فەنەر رۇم پاترىخى بارتولوموس ئىشغالىيەت ئاستىا تۇرۇۋاتقان قۇددۇسنى زىيارەت قىلدى.

862224
فەنەر رۇم پاترىخى بارتولوموس قۇددۇسنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەنەر رۇم پاترىخ بارتولوموس ئىشغال ئاستىدىكى قۇددۇسنى زىيارەت قىلدى.

قۇددۇسنىڭ سېپىللار بىلەن قورشالغان كونا شەھەر رايونىغا ئەل خەلىل دەرۋازىسىدىن كىرگەن بارتولوموس، رۇم ئورتودوكس پاترىكخانىسىغا كەلدى.

پاترىكخانە ئىشىكى ئالدىدا قۇددۇس رۇم ئورتودوكس پاترىخى ئۈچىنچى تىئوپىلوس تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان بارتولوموس كونا شەھەر كوچىلىرىنى كېزىپ قىيامەت چېركاۋىغا (مۇقەددەس قەبىر چېركاۋى)باردى.

بارتولوموسنىڭ زىيارىتى ئەسناسىدا قۇددۇستا خىرىستىيانلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ماكانى ھېسابلىنىدىغان قىيامەت چېركاۋىنىڭ زىلى چېلىندى.

فەنەر رۇم پاترىخى چېركاۋدا ئەيسا ئەلەيھىسسالام يۇيۇلۇپ دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن تىرىلگەنلىكىگە ئىشىنىلىدىغان يەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

بارتولوموسقا ئۈچىنچى تېئوپىلوس ھەمراھ بولدى.

فەنەر رۇم پاترىخ بارتولوموسقا بۈگۈن يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇس ئىبرانى ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر