ب د ت، مىسىردا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئەيدىزغا قارشى كۈرەش قىلىش تارمىقى، «مىسىردا ئەيدىز (ئېرىشىلگەن ئىممۇنىت كەمتۈكلۈكى كېسەللىكى) نىڭ خەتەرلىك شەكلىدە تارقاۋاتقانلىقى» نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

861115
ب د ت، مىسىردا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ ئەيدىزغا قارشى كۈرەش قىلىش تارمىقى ئەمەلدارى ئەھمەد خەمىس بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، مىسىردا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ھەر يىل %25 بىلەن %30 ئەتراپىدا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇ ساننىڭ سۈرئەت بىلەن ئېشىشىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، مىسىردا يېقىنقى يىللاردا ياشلاردىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بايقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مىسىردىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ يېتەرسىز بولۇشىنىڭ بۇ كېسەللىككە قارشى تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەيدىز باكتېرىيەسىنىڭ تارقىلىش نۇقتىسىدىن مسىىر ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدا ئىران، سۇدان ۋە سومالىدىن قالسىلا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

مىسىردا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئۇيدۇرما جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ خەلق تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ب د ت نىڭ ئەيدىزغا قارشى كۈرەش قىلىش تارمىقى، مىسىردا 11 مىڭدىن ئارتۇق ئەيدىز بىمارىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقى، بۇ ساننى 7 مىڭ، دەپ كۆرسەتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر