لاۋروۋ: كورېيە ئۇرۇشى چىقسا، دەسلەپكى قۇربان ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بولىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ: «ئەجەبا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كوللېكتىپ خەۋەپسىزلىك كېلىشمى تەشكىلاتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەردى.

860294
لاۋروۋ: كورېيە ئۇرۇشى چىقسا، دەسلەپكى قۇربان ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش چىققان تەقدىردە، بۇ ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى قۇربانلىرى ياپونىيە  ۋە جەنۇبىي كورېيە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سېرگېي لاۋروۋ بىلۇرۇسىيە مەركەزلىك «STV» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قورال سىناقلىرىنى ئەيىبىلدى. ئامېرىكىلىق مەنسەپداشلىرىنىڭ كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىق پوزىتسىيەلىرىنىمۇ تەنقىد قىلدى.

لاۋروۋ: «ئەپسۇسكى ئامېرىكىلىق مەسئۇللار ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىمۇ شۇ تەرەپكە سۆرەشكە تىرىشماقتا. ئەگەر كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش چىققان تەقدىردە، بۇ دۆلەتلەر دەسلەپكى قۇربانلارغا ئايلىنىدۇ» دېدى.

سېرگېي لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قاراتقان ئىمبارگولىرىنى، بولۇپمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ ئېمپورت - ئېكىسپورت ئىمكانىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلغان ئېميبارگولارنى تولۇق ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سېرگېي لاۋروۋ: «ئەجەبا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كوللېكتىپ خەۋەپسىزلىك كېلىشمى تەشكىلاتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇش تەلىپىنى قوبۇل قىلمايمىز. كوللېكتىپ خەۋەپسىزلىك كېلىشمى تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى قوللايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر