ئاق ساراينىڭ سابىق مەسلىچەتچىسى يالغان ئېيتقانلىقىنى ئىقرار قىلدى

ئامېرىكىدا ئاق ساراينىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى مايكېل فلىن رۇسىيەنىڭ سابىق ۋاشىنگتون باياناتچىسى سېرگېي كىسىلياك بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ەسىلىسىدە فېدېرال تەكشۈرۈش بىيورۇسىغا يالغان ئېيتقانلىقىنى ئىقرار قىلدى.

859827
ئاق ساراينىڭ سابىق مەسلىچەتچىسى يالغان ئېيتقانلىقىنى ئىقرار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا رۇسىيە مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەپتىش روبېرت مۇللېر تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان فلىن تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10.30 دا سوت مەھكىمىسىدە سوتلاندى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فلىن سوت مەھكىمىسىدە «رۇسىيە مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە فېدېرال تەكشۈرۈش بىيورۇسىغا يالغان ئېيتقانلىقى» نى ئىقرار قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەپتىش مۇللېر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان فلىننىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا «كۈتۈلۈۋاتقان بىر باسقۇچنىڭ ئىشقا ئېشىشى» تەرىقىسىدە ئانالىز قىلىنغان.

رۇسىيە مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە فېدېرال تەكشۈرۈش بىيورۇسى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارمۇ ئوتتۇرىغا چىققان سوت مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتلىرىدا، فلىنن تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تەقىب قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، فلىن 24 – يانۋاردىكى سوراق جەريانىدا: «بىلىپ ۋە خالاپ فېدېرال تەكشۈرۈش بىيورۇسىغا يالغان ئېيتتىم» دېگەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئانالىزلىرىغا ئاساسلانغاندا، فلىننىڭ ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلىشى، «مۇللېرنىڭ رۇسىيە مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشتە ترامپ ھۆكۈمىتىگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلىشىشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن، ھەمدە فلىننىڭ بەرگۈسى مەلۇماتلار تەكشۈرۈشنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بەلگىلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن فلىن ترامپ ھۆكۈمىتى ھەيئىتىدە رەسمىي ۋەزىپە ئۆتىگەن شەخسلەر ئارىسىدا، «رۇسىيە مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە ئەيىبلەنگەن» ۋە «جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان» تۇنجى شەخس، ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەپ يەنە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا ئەيىبلەنگەن 4 – شەخس بولۇپ قالغان.

ترامپنىڭ 20 – يانۋار كۈنى ئاق سارايدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىدىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان فلىن، رۇسىيەدىكى مۇناسىۋىتى بار شەخسلەر ەسىلىسىدە  مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسكە يالغان ئېيتقانلىقتىن 13 – فېۋرال كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، تېخى يېقىنغىچە ئۆزىگە ئارتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ ۋە ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ كەلگەن فلىننىڭ ئۆتكەن ھەپتە بۇ پىكرىنى ئۆزگەرتىپ، رۇسىيە مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان مۇللېر بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر