نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشتى

ئەدىرنەدە قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە كېتىشكە ئۇرۇنغان 10 ى بالا بولۇپ، جەمئىي 19 كۆچمەن قولغا چۈشتى.

859889
نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدىرنە ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئەترەتلىرى قانۇنسىز قىلىشلارغا تاقابىل تۇرۇش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە غازى مىھال كۆۋرۈكىدە بىر ئاپتوموبىلنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاياللار ۋە نارىسىدە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 سۈرىيەلىك كۆچمەننىڭ چەت ئەلگە كېتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن يولغا چىققانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، كۆچمەنلەرنى ئەدىرنە كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىيەلىك شوپۇرى قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر