ب د ت: تۈركىيە مىسلىسىز پىداكارلىقلارنى كۆرسەتمىگەن بولسا سۈرىيە ۋەيران بولۇپ كېتەتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرىغا مەسئۇل باش كاتىپى ئۇرسۇلا مۇللېر تۈركىيەنىڭ مىسلىسىز پىداكارلىقلارنى كۆرسەتمىگەن بولسا سۈرىيەنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

859888
ب د ت: تۈركىيە مىسلىسىز پىداكارلىقلارنى كۆرسەتمىگەن بولسا سۈرىيە ۋەيران بولۇپ كېتەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4 كۈنلۈك تۈركىيە پىروگراممىسىدىن كېيىن غازىئانتەپتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن مۇللېر، 3 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك كۆچمەننى باغرىغا بېسىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ياردەم سۆيەرلىكىنىڭ ھەر جەھەتتىن تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، سۈرىيەدە شەكىللەندۈرۈلگەن «توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى» نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى قولايلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر تۈركىيە مىسلىسىز پىداكارلىقلارنى كۆرسەتمىگەن بولسا سۈرىيە ۋەيران بولۇپ كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن، دۆلەتتە ياشىغىلى بولماسلىقتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقاتتى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن بولمايتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر