ئىراندا 6 بال يەر تەۋرىدى
ئىراننىڭ شەرقىدىكى كىرمان ۋىلايىتىدە 6 بال يەر تەۋرىدى.
859430

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىرمان ۋىلايىتىنىڭ 58 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدا 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 6 بال يەر تەۋرىگەن.
ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 6 دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە 6.1 بال يەر تەۋرىگەن.
راۋەر يېزىسىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد رىزا مىرسادىقىنىڭ ئېيتىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، ئەمما كونا ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بەزى يېزىلارنىڭ يوللىرى تاقىلىپ قالغان.