ئامېرىكىنىڭ يەمەندە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامېن بولدى

ئامېرىكىنىڭ يەمەندە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى 7 پۇقرانىڭ جېنىغا زامېن بولدى.

859414
ئامېرىكىنىڭ يەمەندە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ يەمەننىڭ بەيزا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ۋىلد رەبى رايونىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق 4 نۇقتىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 4 دائېش ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى رايوننى ئۇدا بىرقانچە سائەت بومباردىمان قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا يېقىندىن بۇيان بەيزا شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئەلقائىدە بىلەن دائېش نىشانلىرىنى داۋاملىق بومباردىمان قىلىۋاتقان بولۇپ، ھاۋا ھۇجۇملىرىدا پۇقرالارمۇ قازا قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر