تىللېرسون ياۋروپانى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون 4-8-دېكابىر كۈنلىرى ئارىسىدا ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، مۇھىم يىغىنلارا قاتنىشىدۇ.

859069
تىللېرسون ياۋروپانى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خېزىر ناۋرت كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رېكس تىللېرسوننىڭ ياۋروپا زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رېكس تىللېرسون 4-دېكابىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشىدىكەن، 5-6-دېكابىر كۈنلىرى يەنە بىريۇسسېلدا ناتو دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. ئۇ دېكابىر ئاۋستىرىيەگە بېرىپ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

ئۇ 8-دېكابىر پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، سۈرىيە، ئىران، لىۋان، لىۋىيە ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر