پاكىستاندا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياتىقىدا ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۆلدى

پاكىستاننىڭ پېشاۋېر شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياتىقى بىناسىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچى 11 كىشى قازا قىلدى.

859418
پاكىستاندا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياتىقىدا ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چايشاپ كىيىۋالغان قوراللىق زاراۋانلار ياتاق بىناسى جايلاشقان يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇم نەتىجىسىدە كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچى 11 كىشى قازا قىلغان، كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان 37 كىشى يارىلانغان.

تەخمىنەن 2 سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتا زوراۋانلار دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ھەپتە ئاخىرى بولغانلىقى ئۈچۈن 120 كىشىلىك ياتاقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆيلىرىگە كەتكەن بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر