«ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بەرگەن ھەر بىر قورال - ياراغ تۈركىيەگە قارىتىلغان تەھدىتتۇر»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ گە بەرگەن ھەر بىر قورال – ياراغنىڭ تۈركىيەگە قارىتىلغان تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

858229
«ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بەرگەن ھەر بىر قورال - ياراغ تۈركىيەگە قارىتىلغان تەھدىتتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 8 – نۆۋەتلىك بوغازئىچى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھازىرغىچە بىزگە ي پ گ گە، پ ي د گە ياردەم قىلىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. نۆۋەتتە دائېش تەھدىتىمۇ قالمىدى، شۇڭا پ ي د، ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە خاتىمە بېرىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»

ترامپ بىلەن ئەردوغاننىڭ 24 – نويابىر كۈنى ئېلىپ بارغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان قالىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پىرېزىدېنت ترامپ بۇنىڭدىن كېيىن پ ي د ۋە ي پ گ گە قورال - ياراغ ياردەم قىلىنمايدىغانلىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا بايان قىلدى. بىراق ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئازدۇر – كۆپتۇر  بىلىدىغانلار، بولۇپمۇ مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈلمىسىدىن ئازدۇر – كۆپتۇر خەۋىرى بارلار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ترامپتىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدىن ھەيران قالمىدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پ ي د ۋە ي پ گ نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىگە داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى. بىزنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى پ ي د ۋە ي پ گ گە بېرىلگەن ھەر بىر قورال – ياراغ، ھەر بىر ئوق – دورا تۈركىيەگە قارىتىلغان تەھدىتتۇر. سەۋەبى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پ ي د ۋە ي پ گ گە بېرىلگەن ھەر بىر ياردەم <پ  ك ك نىڭ ئۆمرىنى ئۇراتىش> دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭ ئىزاھاتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر