ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئىراقتا زىيارەتتە بولماقتا

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ئىراقتا زىيارەتتە بولماقتا.

858002
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ئىراقتا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي مەنسەبدېشى ھايدار ئەل-ئىبادى بىلەن كۆرۈشتى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى رەھبەر ئىراق-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى، ئىراقنىڭ توقۇنۇشلاردا زىيىنىغا ئۇچرىغان رايونلىرىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزگەن.

ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن تېررورىزىمغا زەربە بېرىش بولۇپ نۇرغۇن جەھەتتە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىبادى مۇنۇلارنى دېدى: «ئارمىيە، ساقچى قىسىم، ھەششۇدى شەئبى ۋە يەرلىك قەبىلە كۈچلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا بارلىق رايونلىرىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىپ دائېشنى تارمار قىلدۇق. ئىراقتا قايتىدىن ئاساسلىق قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى باشلىنىدۇ، تەرەققىيات رايونلىرى بەرپا قىلىنىدۇ، ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىشىنى كۈتىمىز.»

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى مېيمۇ ئىراقنىڭ ئەنگلىيەگە نىسبەتەن «مۇھىم دۆلەت»ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى، تەرەققىياتى، ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي تەلىمى ۋە مۇساپىرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن  ئىراقنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىراقنىڭ بىرلىكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان مېي، ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى ئىراقنىڭ بىرلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى تەشۋىق قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر