ئەنگلىيە باش ۋەزىرى مېي پادىشاھ سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد، پايتەخت رىيادتا ئىراقتىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ بارغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېينى قوبۇل قىلدى.

858211
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى مېي پادىشاھ سەلمان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز دۆلىتىدە زىيارەتتە بولغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي بىلەن پايتەخت رىيادتىكى سارىيىدا كۆرۈشۈپ رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئۇچرىشىشقا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى، قوشۇمچە مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سەلمان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىر ئابدۇلئەزىز بىن سۇئۇد بىن نايىف، مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ ئەلجىدان، رىياد ئەمىرى شاھزادە فەيسال بىن بەندەر بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن ئەنگلىيەنىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىمون كوللىس، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى كىرىستىيان تۇرنېر ۋە باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسى ئەمەلدارلىرى ئىشتىراك قىلدى. ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇلارنىڭ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يوللىرى شۇنداقلا رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېينىڭ 3 كۈنلۈك رايون دۆلەتلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە ئىيوردانىيەدىمۇ زىيارەتتە بولۇشى پىلانلانماقتا. ئۇ، ئاپرېل ئېيىدىكى زىيارەتلىرى دائىرىسىدىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر