تىللېرسون بەھرەين تەخت ۋارىسى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بەھرەين تەخت ۋارىسى شاھزادە سەلمان بىن ھامان ئەلخەلىفە بىلەن كۆرۈشتى.

858555
تىللېرسون بەھرەين تەخت ۋارىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر نائېرت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، ئىراننىڭ رايونلۇق پائالىيەتلىرى ۋە قاتار كىرىزىسىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى مۇزاكىرە قىلىندى،  تىللېرسون بەھرەيننىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك ھەمراھى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شاھزادىگە رەھمەت ئېيتتى. ئىككى رەھبەر ئىراننىڭ رايوندىكى خەۋپلىك پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش، پارىس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش، ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.»

شاھزادە ئەلخەلىفە، تىللېرسوندىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىن ماتىس بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغان، ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا – بەھرەين مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر