سومالى ئارمىيەسى ئەش-شەبابقا قاخشاتقۇچ زەربە بەردى

سومالى ئارمىيەسى بالادۇل ئەمىن ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابقا قاخشاتقۇچ زەربە بەردى.

858058
سومالى ئارمىيەسى ئەش-شەبابقا قاخشاتقۇچ زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابنىڭ چاڭگىلىدىكى بالادۇل ئەمىن ناھىيەسىنى قايتۇرۇپ ئالدى.

سومالى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئابدۇراھمان ئوسمان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، سومالى ئارمىيەسىنىڭ تۆۋەن شاباللە رايونىغا جايلاشقان بالادۇل ئەمىن ناھىيەسىنى ئەش-شەبابنىڭ چاڭگىلىدىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سومالى ئارمىيەسى قوماندانى ئۆمەر ئەدەن ھەسەنمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، ئەش-شەبابقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە ئەش-شەبابنىڭ ئېغىر تالاپەتكە يولۇققانلىقىنى ۋە بىر قىسىم تېررورچىلارنىڭ تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە تېررورچىلارنىڭ چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەسەن، بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت توغرۇلۇق كېيىنچە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابنىڭ سومالىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قەلئەلىرىدىن بىرى بولغان بالادۇل ئەمىن ناھىيەسى ئۇزۇندىن بۇيان ئەش-شەبابنىڭ چاڭگىلىدا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر