ياپونىيەدە يادرو ئېلېكتىر ساھەسىدە مۇھىم قەدەم تاشلاندى

ياپونىيە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسى يادرو ئېلېكتىر ساھەسىدە مۇھىم قەدەم تاشلىدى.

ياپونىيەدە يادرو ئېلېكتىر ساھەسىدە مۇھىم قەدەم تاشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدىكى قايناق سۇلۇق رېئاكتورلارغا سوۋۇتۇش سىستېمىسى ئورنىتىلىشنى قارار قىلدى.

كىيودو ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە كۆرە، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىخەتەرلىك پىرىنسىپلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەن ئەھۋالدا رېئاكتور قازانلىرىغا سۇ توشۇيدىغان سوۋۇتۇش سىستېمىسى ئورنىتىشنى شەرت قىلغان قارارنامە ماقۇللانغان.

بۇ خىلدىكى سىستېمىلار تېمپۇراتۇرانىڭ قايناق سۇ رېئاكتور قازانلىرىغا زىيان سالىدىغان دەرىجىگە چىقىشىغا توسالغۇ بولىدىكەن ۋە قايناق سۇلۇق رېئاكتور قازانلىرى بېسىملىق سۇ رېئاكتورلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كىچىك ئىكەن.

ياپونىيەدە 2011-يىلى 11-مارتتا 9 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن دېڭىز تاشقى فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا رادىئاكتىپ چىقىپ كېتىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

رايوندا ياشاۋاتقان ئون مىڭلارچە ئادەم بۇ ھادىسىدىن كېيىن ئۆي-ماكانىلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

رىئاكتىپ چىقىش كېتىش ھادىسىسىنى تولۇق تىزگىنلەپ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا نەچچە ئون يىل كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر