«ئىران بىلەن رۇسىيە تۈركىيەگە ياۋروپادەك نەپ بېرەلمەيدۇ»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە ياۋروپادەك نەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ياۋروپا دۆلەتلىرىدەك پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋاشىنگىتوندىكى ۋىلسون چۈشەنچە ئىنىستېتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان تىللېرسون ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ۋە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى بولۇپ نۇرغۇن مەسىلە ئۈستىدە توختالدى.
تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان تىللېرسون مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «تۈركىيەنىڭ ناتودىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇشى سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيەدىن ناتونىڭ ئورتاق مۇداپىئەسىگە ئەڭ كۆپ ئەھمىيەت بېرىشىنى كۈتىمىز، ئىران بىلەن رۇسىيە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن تۈركىيەگە ياۋروپا دۆلەتلىرىدەك پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.»
ئىراننىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراقتا ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تىللېرسون، تېھرانغا قارشى سىياسەتلەردە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ياۋروپالىق ئىتتىپاقدىشلىرىمىزدىن ئىراننىڭ زىيانلىق سىياسەتلىرىگە قارشى بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، ئىران ھاكىمىيىتى غەربنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىگە ماس كەلمەيدۇ، نە ئامېرىكا نە ياۋروپا شىمالىي كورېيەگە ئوخشاش بىر خەۋپنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغۇسى يوق.»
تىللېرسون بارلىق ئىختىلاپلارنىڭ ئەكسىچە سۈرىيەدە بەزى ساھەلەردە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، بولۇپمۇ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەردە ئورتاق مەنپەئەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پارىژدا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقئارا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى چاقىرىلدى.