كولومبىيەدە ئىككى قوراللىق تەشكىلات ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

كولومبىيەدە ئىككى قوراللىق تەشكىلات ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 13 ئادەم ئۆلدى.

857170
كولومبىيەدە ئىككى قوراللىق تەشكىلات ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەدە خەلق ئازادلىق قوراللىق كۈچلىرى بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تىنچلىق كېلىشىمىنى قوبۇل قىلمىغان ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 13 ئادەم ئۆلدى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىشىچە، تىنچ ئوكيان بويىغا جايلاشقان رايونلاردىن نارىنوغا قاراشلىق ماگۇي پايان شەھىرىدە ھۆكۈمەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان كولومبىيە خەلق ئازادلىق قوراللىق كۈچلىرى بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سابىق قوراللىق گۇرۇھلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 13 ئادەم ئۆلگەن.

توقۇنۇشنىڭ كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇھلار خەلق ئازادلىق قوراللىق كۈچلىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رايوندىن ئۆتۈۋاتقاندا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىشقان يەرلىك ئاھالىلەر، توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايغا كىرىشكە مۇمكىن بولمىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئازادلىق  قوراللىق كۈچلىرى بۇ يىل 4-سېنتەبىردە 2018-يىلى يانىۋارغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.  

مەزكۇر كېلىشىمدە كۆرسىتىلىشىچە، خەلق ئازادلىق قوراللىق كۈچلىرى ئاساسىي قۇرۇلۇشلار، ئېنېرگىيە تىرانسپورتى، نېفىت تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى قوغداش ۋە ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن بولسا، كولومبىيە ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر