ۋارشاۋادا ئىسلام كۈلتۈر مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پولشادىكى مۇسۇلمان خەلق رەھبەرلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

856402
ۋارشاۋادا ئىسلام كۈلتۈر مەركىزى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋادا ئىسلام كۈلتۈر مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

ۋارشاۋا ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ماۋىئۇسىز مىروزېك  جامە، يىغن زالى، دۇكان ۋە رېستوراندىن تەشكىل تاپقان ئىسلام كۈلتۈر مەركىزىنىڭ دېرىزىلىرىنىڭ يەكشەنبە كېچىسى كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن سۇندۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىروزېك 2015 – يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئىسلام كۈلتۈر مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ تۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك كامېرا كۆرۈنۈشلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە كىشىلەرنى ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشقا چاقىرىق قىلدى.

پولشادىكى مۇسۇلمان خەلق رەھبەرلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا، پولشانىڭ جەنۇبىدىكى كاتوۋايس شەھىرىدە ھەپتە ئاخىرى بىر گۇرۇپپا ئاشقۇن ئوڭچىلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋە پولشانىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان نامايىش ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى

پولشا باش مىنسىتىرى بېتا سىزىيدىلو نامايىشنى ئەيىبلەپ، 6 نەپەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پولشادا بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پولشادا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش ۋەقەلىرىدە ئېشىش كۆرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر