پاكىستان باش مىنىستىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد، ئەرەبىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھىد خاقان ئابباسىنى پايتەخت رىيادتىكى يەمامە سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

856729
پاكىستان باش مىنىستىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى ئابباسى بىلەن پادىشاھ سەلماننىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىندى. پادىشاھ سەلمان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، پاكىستان باش مىنىستىرى ئابباسىنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ئابباسى پادىشاھ سەلمان بىلەن ئۇچرىشىپ بولغاندىن كېيىن، تەخت ۋارىسى شاھزادە، قوشۇمچە مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى رەھبەرنىڭ خەلقئارا ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدا كۈچلۈك دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق رىشتىسى بارلىقىغا ئىشارەت قىلىندى ۋە بۇ دائىرىدە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈللەندۈرۈلۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر