بارزانى، غەربنىڭ «تەربىيەلە - قوراللاندۇر» پىروگراممىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى نەچىرۋان بازارنى، خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ پەشمەرگەگە قىلىۋاتقان تەربىيەلە – قوراللاندۇر ۋە ياردەم قىل پىروگراممىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

856723
بارزانى، غەربنىڭ «تەربىيەلە - قوراللاندۇر» پىروگراممىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى نەچىرۋان بازارنى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ پەشمەرگەگە قىلىۋاتقان تەربىيەلە – قوراللاندۇر ۋە ياردەم قىل پىروگراممىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

بارزانى ھەپتىلىك ئىچكى كابېنىت يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ پەشمەرگەگە قىلىۋاتقان تەربىيەلە – قوراللاندۇر ۋە ياردەم قىل پىروگراممىسى ئاخىرلاشتى. يېڭىدىن كېلىشىم تۈزۈش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا. مەن، بۇ كېلىشىمنىڭ قايتىدىن تۈزۈلۈشى ۋە ياردەم قىلىنىشىدا بىرەر مەسىلە بار، دەپ قارىمايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر