ئىراق ھۆكۈمىتى كەركۈك نېفىتىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
ئىراق ھۆكۈمىتى كەركۈك نېفىتىنى جەيھان پورتىغا يۆتكەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كەركۈك نېفىتلىرىنى جەيھان پورتىغا يۆتكەش ئۈچۈن يېڭى نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى بەرپا قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئىراق نېفىت ئىشلىرى مىنسىتىرلىقى باياناتچىسى ئاسىم جىھاد تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: « نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى جەببار لۇئايبى مىنسىتىرلىق تارمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا كەركۈك نېفىتلىرىنى جەيھان پورتىغا يۆتكەش ئۈچۈن بەيجىدىن پىشاھبۇرغا تۇتۇشىدىغان يېڭى تۇرۇبا لىنىيەسى بەرپا قىلىشقا يوليۇرۇق بەردى.»
بۇ يېڭى نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىغان كونا تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان جىھاد، مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ پات يېقىندا مىنىستىرلىققا تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.