ئىسلام ئارمىيەسى قۇرۇش تەشەببۇسىغا تەرەپ دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى رىيادتا چاقىرىلىدۇ

ئىسلام ئارمىيەسى قۇرۇش لايىھەسىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا يىغىن چاقىرىدۇ.

855211
ئىسلام ئارمىيەسى قۇرۇش تەشەببۇسىغا تەرەپ دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى رىيادتا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىزىسلارنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا ئىسلام ئارمىيەسى پىلانىغا تەرەپ بولغان 41 دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلغان تېررورىزمغا قارشى ئىسلام ئەسكەرلىرى ئىتتىپاقى «تېررورىزمغا قارشى ئىتتىپاقداشمىز» دېگەن شوئار ئاستىدا ئۇچرىشىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى ۋە ئىرانغا قارشى پوزىتسىيەلىرى تۈپەيلى يىغىننىڭ سۈركىلىش ئىچىدە ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىندا پارس قولتۇقى كىرىزىسى، مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى مەزھەپلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئۇرۇشلار توغرىسىدىمۇ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى ئىشتىراك قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر