ترامپ:س ن ن دۇنيادىكى يالغان خەۋەرنىڭ مەنبەسى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ يالغان خەۋەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، دۇنيادا ئامېرىكىغا ناچار ھالەتتە ۋەكىللىك قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

855209
ترامپ:س ن ن دۇنيادىكى يالغان خەۋەرنىڭ مەنبەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «فوكس نيۇز، ئامېرىكىدا س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىدىن خېلىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ سىرتىدا س ن ن خەلقئارا قانىلى ھازىرمۇ مۇھىم بىر يالغان خەۋەر مەنبەسى ۋە خەلقىمىزگە دۇنيا  مىقياسىدا ناھايىتى ناچار ھالەتتە ۋەكىللىك قىلماقتا. تاشقى دۇنيا ئۇلارنىڭ يۈزىسىدىن ھەقىقەتنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپنىڭ بۇ ئۇچۇرى 17  مىڭدىن ئارتۇق كىشى تەرىپىدىن ئورتاقلىشىلدى.

ترامپ دائىرىلىرىنىڭ AT&T ئۇچۇر – ئالاقە تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ س ن ن نىڭ ئۈستىدىكى Time Warner شىركىتىنى سېتىۋېلىشىغا قارشى سوتقا ئەرز سۇنۇشى، ترامپ بىلەن س ن ن ئارىسىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يىرىكچىلىكنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، بۇ كېلىشىمنىڭ «ئامېرىكىدا مېدىيا مونوپوللۇقى پەيدا قىلىدىغانلىقى» نى نەزەردە تۇتۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ترامپ بولسا، مەزكۇر توختامغا قارشى ئىكەنلىكىنى، بىراق سېتىش ئىشىغا مۇداخىلە قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر