مىسىر ئارمىيەسى راۋداھ جامەسىگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇجۇقتۇردى

مىسىر ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكوۋنىك تامىر ئەررۇفائىي ھۇجۇم جەريانىدا بىر تۈركۈم تېررورچىلارنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، سانى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

854798
مىسىر ئارمىيەسى راۋداھ جامەسىگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسى ئارىش شەھىرىدە جۈمە كۈنى راۋداھ جامەسىگە بومبا ھۇجۇمى قىلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مىسىر ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكوۋنىك تامىر ئەررۇفائىي ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارنى تەقىپ قىلغانلىقىنى، ئارىشنىڭ ئەلھادىس رايونىدا يوشۇرۇنغان جايلرىنى بايقىغاندىن كېيىن، تېررورچىلار ئولتۇرغان بەزى ئاپتوموبىللارنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پولكوۋنىك تامىر ئەررۇفائىي ھۇجۇم جەريانىدا تېررورچىلارنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، سانى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

تامىر ئەررۇفائىي رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى جەريانىدا تېررورچىلارنىڭ قورال – ياراقلىرى ساقلانغان بەزى جايلارنىڭ نىشان قىلغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.

تۈنۈگۈن جۈمە نامىزى ئەسناسىدا مىسىرنىڭ ئارىش شەھىرىدىكى راۋداھ جامەسىگە قىلىنغان بومبا ۋە قوراللىق ھۇجۇمدا، 305 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 128 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن مىسىردا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر