ناتو ئىزچىل سىبەر ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە

ناتو ھەر ئايدا 500دەك سىبەر ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا.

854297
ناتو ئىزچىل سىبەر ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى –ناتو ھەر ئايدا تەخمىنەن 500 سىبەر ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا.

ناتو ئۇچۇر-ئالاقە ئاگېنتلىقى مۇدىرى كېۋىن سىچىد بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان 2017ياۋروپا مۇداپىئە ئاگېنتلىقى يىغىنىدا ناتونىڭ سىبەر مۇداپىئە ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

سىبەر مۇداپىئە ساھەسىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە قابىليىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇچۇر-مەلۇمات ئالماشتۇرۇشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن سىچىد، بۇ جەھەتتە ناتونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سىبەر ھۇجۇملىرىنى دېڭىز تاشقىنىغا ئوخشاتقان سىچىد، بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

«ناتو سىبەر تورلىرى ھەر ئاي تەخمىنەن 500 ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا»دېگەن سىچىد ھۇجۇمنىڭ مەنبەسى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو سىبەر ساھەسىگىمۇ ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن سىرت بىر ھەربىي ساھە دەپ مۇئامىلە قىلىدۇ.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سىبەر ھۇجۇملىرىغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سىبەر قوماندانلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش لازىملىقى قارار قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر