نېتانياھۇ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ئىران يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى قارشى چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

853902
نېتانياھۇ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا ۋە سۈرىيەدە نوپۇز تىكلىشىگە قاراپ تۇرمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

نېتانياھۇ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن «پەردە ئارقىسىدىن»ئورناتقان ھەمكارلىقىنىڭمۇ ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرغۇچىسى دېيۋىد بېن گۇرىسوننىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ 44-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن غەربىي قۇددۇستا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە سۆز قىلغان نېتانياھۇ مۇنداق دېدى: «كىم بىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلسا بىز ئۇنى ۋەيران قىلىمىز، كىمكى بىزگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقچى بولسا شۇنى كۈچىدىن مەھرۇم قىلمىز.»

نېتانياھۇ ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى ۋە سۈرىيەدىكى نوپۇزى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى داۋاملىق دەپ كېلىۋاتىمىز، بىز ئىران كۈچلىرىنىڭ چېگرايىمىزغا يېقىن ياكى سۈرىيەنىڭ ھەر قانداق بىر رايونىغا كېلىپ ماكانلىشىشىغىمۇ قاراپ تۇرمايمىز.»

ئىسرائىلىيەنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالغان نېتانياھۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز كۆپ ۋاقىتلاردا ئوڭۇشلۇق بولدى، بۇ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھامان بىر كۈنى مۇناسىۋەتلىرىمىز كۈچىيىپ تىنچلىق بەرپا بولىدۇ، بىز پەردە ئارقىسدا مۇشۇ كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى «ئىراننىڭ سۈرىيەدە نوپۇزىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن قىزىل سىزىق»بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

باش مىنسىتىر بۇنيامىن نېتانياھۇ بۇ ھەقتە ئىلگىرىمۇ بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى؛ «ئىران ۋە ۋەكىللىرىگە سۈرىيەدە بولۇپمۇ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ھەربىي نوپۇز تىكلىشىگە قەتئىي قاراپ تۇرماسلىق كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر