ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى كۇنار ۋىلايىتىدە دائېشقا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان كۇنار ۋىلايىتىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 12 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

853616
ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى كۇنار ۋىلايىتىدە دائېشقا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارھار ۋىلايەتلىك ئالاھىدە قىسىم قوماندانى ئىززەتۇللاھ مامۇند، كۇنارنىڭ مەرەۋارا ناھىيەسىنىڭ چوپ رايونىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 12 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 4 تېررورچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

قوماندان ئىززەتۇللاھ مامۇند، زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا تەشكىلاتنىڭ رايوندىكى ئاتالمىش باشلىقلىرىدىن ھافىز باشىرنىڭمۇ بارلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر