ئەششەبابنىڭ لاگېرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 100 دىن ئارتۇق تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى
ئەششەباب باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش دائېشقا بەيئەت قىلغىلى ئۇنىماي، ئەلقائىدەگە بولغان ساداقىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ سومالىدىكى تارمىقى ھېسابلىنىدىغان ئەششەباب تەشكىلاتىنىڭ لاگېرىغا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا 100 دىن ئارتۇق تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابى سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشۇنىڭ غەربىي شىمالىدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ لاگېرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە 100 دىن ئارتۇق تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئەششەباب باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش دائېشقا بەيئەت قىلغىلى ئۇنىماي، ئەلقائىدەگە ساداقىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان مۇقدىشۇدا يۈز بەرگەن يۈزلەرچە ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا جاۋابكارلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىدى.
ئالدىنقى ئايدىمۇ ئادەملەر ئىنتايىن زىچ بىر يول دوقمۇشىدىكى مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ئاپتوموبىل بومبا پارتلاپ، 350 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە سومالىدا بۈگۈنگىچە يۈز بەرگەن ئەڭ قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇپ قالغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.