شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ قارارىغا دەرھال جاۋاب قايتۇردى

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شىمالىي كورېيەنى تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىگە «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بەردى.

852825
شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ قارارىغا دەرھال جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيەنى تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. شىمالىي كورېيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پىيوڭياڭنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، ترامپنىڭ قارارىنى «چوڭ ئىغۋاگەرچىلىك» ۋە «شىمالىي كورېيەگە ۋەھشىيلىك بىلەن پاراكەندىچىلىك سېلىش» دەپ باھا بەرگەن.

شىمالىي كورېيە باياناتچىسى، ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىنى پىيوڭياڭنىڭ ئۆزىنى ۋاشىنگتوننىڭ دۈشمەنلىكىدىن قوغداش ئۈچۈن يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. باياناتچى: «ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە ھۆرمەتسىزلەرچە قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە (20-نويابىر) كۈنى، يەنى ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندە شىمالىي كورېيەنى «تېررورلۇقنى قوللىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى. تىزىملىككە ئىران، سۇدان ۋە سۈرىيەمۇ كىرگۈزۈلدى.

ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن (21-نويابىر) شىمالىي كورېيەنىڭ سودا پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتى ۋە بىر پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 13 شىركەت ھەمدە 20 پاراخوتقا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى باياناتتا، ئېمبارگولارنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ قانۇنغا خىلاپ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قورال تەرەققىي قىلدۇرۇش پىروگراممىلىرىغا غەيرىي رەسمىي يوللاردىن قىلىنىۋاتقان مالىيە ياردەملىرىنى كېسىپ تاشلاش مەقسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر