ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دائېشقا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ ئاچىن ۋە چاپارھار ناھىيەلىرىدە دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.

851819
ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دائېشقا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ ئاچىن ۋە چاپارھار ناھىيەلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 20 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ خوگيارى، مەزكۇر ناھىيەلەردە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش بىر رەھبىرىنىڭمۇ بارلىقىنى، ھەرىكەت جەريانىدا ئىككى تېررورچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى خوگيارى، زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر