ئامېرىكىدىن كەلگەن پاراخوتتا «glock» ماركىلىق تاپانچىلار قولغا چۈشۈرۈلدى
تەكشۈرۈلۇش جەريانىدا «ئالۋاستى قورال» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «glock» ماركىلىق تاپانچىلارن بايقالدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تاموژنا تەكشۈرۈش ئەترىتى، مەرسىن پورتىدا ئامېرىكىدىن كەلگەن «SATIE» ناملىق بىر پاراخوتنى تەكشۈرۈپ، «glock» ماركىلىق تاپانچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 قورالنى قولغا چۈشۈردى.
مىنىستىرلىقتىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مەرسىن تامورنا تەكشۈرۈش ئەترىتى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشكە يوللانغان كونتېينېر ئىكىس نۇر بىلەن تەكشۈرۇش سىستېمىسىدىن ئۆتكۈزۈلدى.
كونتېينېردىكى 2 ئاپتوموبىل ئەستايىدىل تەكشۈرۈلۇش جەريانىدا «ئالۋاستى قورال» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «glock» ماركىلىق تاپانچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ماركىلىق 47 قورال بايقالدى.
بۇ ئىشقا چېتىشلىق ئېمپورت قىلغان شىركەت مەسئۇللىرىنى بىلەن قوشقاندا جەمئىي 4 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.