لېۋرات، ئىسلامنىڭ شىۋېيتسارىيەدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى توغرىسىدىكى تەلىپىنى تەكرارلىدى

شىۋېيتسارىيە ئىجتىمائىي دېموكراتلار پارتىيەسى باشلىقى كىرىستىيان لېۋرات، ئىسلامنىڭ رەسمىي دىن سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قايتا تەكىتلىدى.

851004
لېۋرات، ئىسلامنىڭ شىۋېيتسارىيەدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى توغرىسىدىكى تەلىپىنى تەكرارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيە ئىجتىمائىي دېموكراتلار پارتىيەسى باشلىقى كىرىستىيان لېۋرات «سوننتاگس زېيتۇڭ» گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «شىۋېيتسارىيەدە 400 مىڭ مۇسۇلمان بار، بۇلارنىڭ 160 مىڭىدا شىۋېيتسارىيە پاسپورتى بار. ئىسلام بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە ئائىتتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پارتىيەسىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ شىۋېيتسارىيەدە رەسمىي دىن سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن لېۋرات، پارتىيەسىنىڭ مۇشۇ قاراشتىكى بەزى ئەزالىرىنىڭ «شىۋېيتسارىيەدە ئىسلامنىڭ يول خەرىتىسى» دېگەن نام ئاستىدا خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى خىزمەتلىرىگە دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «دىيانەتنىڭ (شىۋېيتسارىيەدىكى بەزى جامەلەرنى) مالىيە بىلەن تەمىنلىشىنىڭ مەنئى قىلىنىشىغا قارشىمەن. چۈنكى، تۈرك ئىماملارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىشى ۋەھابى ۋە سەلەفىيلەر تەرىپىدىن تولدۇرۇلىدىغان بىر بوشلۇق يارىتىشى مۇمكىن. بۇلار ئىسلام توغرىسىدا تېخىمۇ ئاشقۇن ۋەز ئېيتىدۇ. ھەممىدىن ئاۋۋال ئىماملارنىڭ ئەرەبچىنىڭ ئورنىدا نېمىسچە ۋە فىرانسۇزچە ۋەز ئېيتىدىغان تۈرك بولۇشىنى خالايمەن» دېدى.

ئىسلامنىڭ دۆلىتىدە رەسمىي دىن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تۇنجى قېتىم ئاۋغۇست ئېيىدا ئوتتۇرىغا قويغان لېۋرات، «ئىسلام رەسمىي دىن سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنسا، دىنىي ئەربابلارنى تەربىيەلەش ۋە مالىيە مەسىلىلىرىنىڭ شىۋېيتسارىيە تەرىپىدىن قامدىلىدىغانلىقى، چەت ئەللىكلەرگە ياكى ئاشقۇن قاتلاملارغا تاشلاپ قويۇلمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شىۋېيتسارىيەگە خاس بىر ئسىلام دىنى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ بۇنى بەس – مۇنازىرە قىلىشىمىز لازىم» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر