يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە 117 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

يارىدار بولۇش ۋەقەلىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك خۇسىيلارنىڭ پۇقرالار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى قالايمىقان ئوققا تۇتۇشى تۈپەيلىدىن يۈز بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

850521
يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە 117 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئۆكتەبىر  ئېيىدىن بۇيان 117 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

مەركىزى جەنۋەدە تۇرۇشلۇق «SAM» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، «سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ھۇجۇملىرىدا 69 پۇقرا، خۇسىي مىلىتانلىرىنىڭ كىشىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى قالايمىقان ئوققا تۇتۇشى تۈپەيلىدىن 40 پۇقرا، خۇسىيلار ۋە ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن 3 كىشى ھەمدە يەرگە كۆمۈپ قويۇلغان مىنالارنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى بولۇپ، جەمئىي 117 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېيىلدى.

ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇش ئەسناسىدا يەنە، 22 ئايال ۋە 43 كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 164 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى، يارىدار بولۇش ۋەقەلىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك خۇسىيلارنىڭ پۇقرالار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى قالايمىقان ئوققا تۇتۇشى تۈپەيلىدىن، يەنە بەزىدە ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

يەمەندە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خۇسىيلار بىلەن سالىھنىڭ قوللىغۇچىلىرى 2014 – يىلى سىنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتىروللۇقىنى تاتىۋالغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار بولسا، قانۇنلۇق يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر