تىبەتتە 6.9 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى
6.9 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
850114

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدا 6.9 بال يەر تەۋرىدى.
خىتاي يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش مەركىزى ئىدارىسى تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى يەرتەۋرەشنىڭ مەركىزى تىبەتنىڭ نىيىڭچى شەھىرى ئىكەنلىكىنى، 6.9 بال يەر تەۋرەشنىڭ ئارقىدىن 5 بال ۋە 4 بال قالدۇق يەر تەۋرەشلەرنىڭمۇ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
يەر يۈزىدىن 10 كېلومېتىر چۇڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

نىيۇ يوركتا بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك ئىشتاتىدا ئۇچۇش مەشىقى قىلىۋاتقان بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى.

باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئىراق پايتەختى باغدادتا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 20 كىشى يارىلاندى.