ئامېرىكا شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشنىڭ شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، شىمالىي كورېيە يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى توختاتقان تەقدىردە، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاش مۇمكىنچىلىكلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

849556
ئامېرىكا شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشنىڭ شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاش ئۈچۈن، پىيوڭياڭ يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىنى توختىتىشى كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جەنۇبىي كورېيە پارلامېنتىدىكى سۆزى جەريانىدا، پىيوڭياڭنى خەلقئارا مىقياسىدا يالغۇز قالدۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرغانىدى.

ئۇ يەنە، رۇسىيە بىلەن خىتاينى شىمالىي كورېيە بىلەن دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى قىسقارتىشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر