ب د ت ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى.

848776
ب د ت ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ب د ت  تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا 900 زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدىكى قارار ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىردەك قوبۇل قىلىندى.

يېڭىدىن ئەۋەتىلىدىغان زاپاس ئەسكەرلەرنى قوشقاندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ سانى 11650 گە يېتىدۇ.

ب د ت  باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئۆي – ماكانىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار سانى 600 مىڭغا يەتكەن؛ قوشنا ئەللەرگە قاچقانلار سانى 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۈچىيىپ كەتكەن ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملار سانىنىڭ كۆپەيتىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر