يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 530 غا يەتتى

يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئىراق – ئىران چېگراسىدا مەيدانغا كەلگەن يېقىنقى 50 يىلنىڭ رايوندىكى ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 530 غا يەتتى.

848160
يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 530 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار دائىرىلەر، يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئىراق – ئىران چېگراسىدا مەيدانغا كەلگەن 7.3 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 530 غا، يارىلانغانلار سانىنىڭ 7 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

12 مىڭ ئۆي – ماكان پۈتۈنلەي گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن ئاپەت رايونىدىكى خەلق، قاتتىق سوغۇققا قارىماي كېچىلىرى كوچىلاردا ياتماقتا.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن سېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

يەر تەۋرەشتە ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلەرگە يا يېڭى ئۆي ياكى بولمىسا ئۆي ئىجارىسى بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇھانى ئىران بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئەللەرگە رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر