ئامېرىكىنىڭ 3 ئاۋىياماتكىسى كورېيە يېرىم ئارىلىغا يېتىپ كەلدى

ئامېرىكىنىڭ بۇ 3 ئاۋىياماتكىسىغا يەنە، «Sejong the Great» ۋە «Yu Seong-ryong» ناملىق زەربىدارلار پاراخوتىدىن باشقا 10 ئۇرۇش پاراخوتىمۇ ھەمراھ بولماقتا.

847963
ئامېرىكىنىڭ 3 ئاۋىياماتكىسى كورېيە يېرىم ئارىلىغا يېتىپ كەلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ 3 ئاۋىياماتكىسى كورېيە يېرىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى. 

ئاۋىياماتكىلارنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يۇتۇبىدىكى رەسمىي قانىلىدا ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكىنىڭ 3 ئاۋىياماتكا پاراخوتىنىڭ ئورتاق مانىۋېرغا قاتنىشىش ئۈچۈن جونۇبىي كورېيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت رايونىغا كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەرلىك مەتبۇئاتلار جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ «USS Ronald Reagan»، «USS Nimitz» ۋە «USS Theodore Roosevelt» ناملىق ئاۋىياماتكىلىرى بىلەن تۈنجى قېتىم بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئاۋىياماتكىلارغا يەنە، «Sejong the Great» ۋە «Yu Seong-ryong» ناملىق زەربىدارلار پاراخوتىدىن باشقا 10 ئۇرۇش پاراخوتىمۇ ھەمراھ بولماقتا.

«Sejong the Great» ناملىق زەربىدارلار پاراخوتنىڭ كاپىتانى ئامېرىكا بىلەن بولغان كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىق سايىسىدا، قارشى تەرەپنىڭ كۈشكۈرتۈشلىرىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر