شاھزادە سەلمان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا بېسىم ئىشلەتتىمۇ؟

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى سەلماننىڭ پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا «ئامېرىكا تەييارلىغان ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىنى قوبۇل قىل!» دەپ بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

847731
شاھزادە سەلمان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا بېسىم ئىشلەتتىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ۋاقىت گېزىتى»دە مەھمۇد ئابباسنىڭ بىر ھەپتە ئىلگىرىكى رىياد زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى ۋە مەسلىھەتچىسى جارېد كۇشنېرنىڭ رەھبەرلىكىدە تەييارلانغان ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، شاھزادە مۇھەممەدنىڭ مەھمۇد ئابباسقا: «دونالد ترامپ پىلاننى ئىلان قىلغاندا، ئامېرىكىلىقلار قانداق تەكلىپ سۇنسا، ئۇنى قوبۇل قىلشىك لازىم. ئۇىنداق بومايدىكەن ئىستېپا بېرىسەن» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

مەھمۇد ئاباستىن بىر ھەپتە ئىلگىرى دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر رىيادتا كۈتۈلمىگەن زىيارەتتە بولغان ئىدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ۋاقىت گېزىتى» كۇشنېر بىلەن تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشقانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن مەسلىسىگە ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى يازدى. 

خەۋەردە، «كۇشنېر، ترامپنىڭ باش مەسلىھەتچىسى جاسۇن گرېنبىلات، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى پوۋېل ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسى داۋىد فرېدمان قاتارلىقلار خېلى مەزگىللەردىن بېرى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانى ئۈستىدە خىزمەت قىلماقتا ئىدى» دېيىلدى.

خەۋەردە يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئىسرائىلىيە مەسئۇلىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، «قارىغاندا پىلانغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ» دېگەنلىكى تەكىتلەندى.

«ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتىدا بولسا، «پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى پەلەستىنگە خىيانەت قىلىشتەك بىر ئۇقۇم يارىتىپ قويماستىن، ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا قارشى تېخىمۇ ياخشى بىر ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتىدە تىنچلىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ» دېيىلدى.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىنى كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلىنىپ، «ئامېرىكىنىڭ پىلانىدا، ئولتۇراق رايۇن قۇرۇلغان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى جايلار مەسلىسىدە ئىسرائلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن. ترامپ ھۆكۈمىتى 2 دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى قارىشىغا بىر ئاز يېقىن كەلگەندەك قىلىدۇ» دېيىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى بۇ ئۇرۇنۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا، ھىزبۇللاھ بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى. 

خەۋەردە: «سەئۇدى ئەرەبىستان ھاماس بىلەن ھىزبۇللاھنىڭ ئۆزئارا تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، لىۋاندىكى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ» دېگەن قاراشلارغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر