جەنۇبىي كورېيەدە يەر تەۋرىدى
جەنۇبىي كورېيەدە 5.5 بال يەر تەۋرىدى.
847834

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹يونخاپ› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 14.29 دە جەنۇبىي كورېيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىغا جايلاشقان پوخاڭ شەھىرىدە 5.5 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەنە 5.4 بال قالدۇق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن، يەر تەۋرەش يۈزلەرچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پايتەخت سېئۇلدىمۇ ھېس قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى ھەمدە ماددىي كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.