ئامېرىكا: جەنۋە مۇساپىسىنىڭ نەتىجىسى چىقماي تۇرۇپ سۈرىيەدىن ئايرىلمايمىز

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، جەنۋە سۆھبەتلىرىدىن نەتىجە چىقماي تۇرۇپ سۈرىيەدىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

847429
ئامېرىكا: جەنۋە مۇساپىسىنىڭ نەتىجىسى چىقماي تۇرۇپ سۈرىيەدىن ئايرىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، پېنتاگوندا مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى؛ ماتتىس، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى» دەپ ئېلان قىلغان راققەنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى بىلەن تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدە يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ دائېشتىن كېيىنكى سۈرىيەدە ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ – داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مۇساپىنىڭ جەنۋە سۆھبەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى، بۇ مۇزاكىرىلەر دائىرىسىدە يېڭى يول خەرىتىسىنىڭ بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جېيمس ماتتىس سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سىياسىي يارىشىش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بارىدىغان يېرىمىز، ب د ت  رىياسەتچىلىكىدە داۋاملىشىۋاتقان جەنۋە مۇساپىسىدۇر. نۆۋەتتىكى نىشانىمىز دائېش خىلاپەت سۈپىتىدە يوقىتىپ تاشلانغۇچە ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە جەنۋەدە دىپلوماتىك چارە تېپىلغۇچە ئۇلار قايتىپ كەلمىگۈدەك شەكىلدە ئورنىمىزنى ساقلاپ تۇرۇشتۇر. دېمەك، جەنۋە مۇساپىسىدىن بىر نەتىجە چىقماي تۇرۇپ سۈرىيەدىن ئايرىلمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر