لىۋىيەنىڭ بىنغازى شەھىردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش تەلەپ قىلىندى

لىۋىيە مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تەرەپلەردىن بىنغازى شەھىردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

845659
لىۋىيەنىڭ بىنغازى شەھىردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى بىنغازىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەر قايسى ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشتىن سىرت دۈشمەنلىك ۋە پېتنە-پاساتنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بىنغازىغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، خۇسۇسىي ۋە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىنالار ھۇجۇم نىشانى قىلىنىپ ماددىي ۋە مەنىۋى زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇملار ئەيىبلەنگەن مەزكۇر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بىنغازىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر دەرھال توختىتىلىشى لازىم.»

لىۋىيە مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىنغازىدىكى ساقچى تارماقلىرىنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ ئورۇنلارغا قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇمنىڭ دۆلەت ئورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم ھېسابلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر