ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز شەھىرىدىكى ھۇجۇمدا 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان

ب د ت نىڭ ئافغانىستانغا ياردەم قىلىش كومىتېتى 4-نويابىر (شەنبە) قۇندۇزدا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئەڭ ئاز دېگەندە 10 پۇقرانىڭ ئۆلگەن بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

844845
ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز شەھىرىدىكى ھۇجۇمدا 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئافغانىستانغا ياردەم قىلىش كومىتېتى قۇندۇزدا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئاز دېگەندە 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەن بولۇش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.  كومىتېتنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋاستىسى ئارقلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر مەلۇماتنىڭ ھۇجۇمدا ساق قالغان كىشىلەر، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە رايوندا ياشايدىغان كىشىلەردىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيە تەرەپ 4-نويابىر قۇندۇزدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، ئەسكەرلەر ئىچىدە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى تالىبانغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھۇجۇملاردا پات-پات پۇقرالار جېنىدىن ئايرىلىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىپ كەلمەكتە. ئافغانىستان رەھبەرلىرى بولسا، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر