ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانى 16 مىڭغا چىقىرىلىدىغان بولدى

ئافغانىستان ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىگە قىلىنىۋاتقان ماددى ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى  ۋە بۇ ياردەملەرنى 2020 – يىلىغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

845091
ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانى 16 مىڭغا چىقىرىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگ ئافغانىستاندىكى ناتو ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا تەۋە ئەسكەر سانىنى ئەسلىدىكى 13 مىڭدىن 16 مىڭغا چىقىرىش قارارى ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سىتولتېنبېرگ بېلگىيەدىكى ناتو بازىسىدا ئافغانىستاندىكى ھەرىكەت شېرىكىلىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئاخباراتچىلارغا بايانات بەردى.

سىتولتېنبېرگ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەت شېرىكىلىرى ۋە ئافغانىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى تارىق شاھ بەھرامى بىلەن ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئافغانىستاندا ۋەزىيەت ھازىرمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغىنىغا قارىماستىن، ئافغانىستان قىسىملىرى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە» دېدى.

سىتولتېنبېرگ ئافغانىستان ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى توسۇپ قالغان بولغاچقا، تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىباننىڭ ئۆلكىلىك بايتەختلەرنى ئىشغال قىلىشقا ئوخشاش نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

ناتونىڭ ئافغانىستان ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەپ، ئافغانىستان مەسىلىسىدە ناتو قىىسملىرىنىڭ سانى، ئافغانىستان قىسىملىرىغا قىلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەم، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىمۇ مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ناتونىڭ ئافغانىستان ھەرىكىتىگە ئامېرىكىنىڭ %50 ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن سىتولتېنبېرگ، ناتونىڭ 27 ئىتتىپاقدىشىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ناتونىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىنىڭ 16 يىلدىن بۇيان ئافغانىستاندا قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەرىكەتنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەۋاتقتانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە: «ناتونىڭ ئىتتىپادقاشلىرى ئافغانىستاندا تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ بىخەتەر ھالغا كەلتۈرمەكتە» دېدى.

ئافغانىستان ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىگە قىلىنىۋاتقان ماددى ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى  ۋە بۇ ياردەملەرنى 2020 – يىلىغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سىتولتېنبېرگ ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى جەڭگە قاتناشمايدىغان ماۋجۇتلۇقىنى ئېھتياجلا بولىدىكەن، داۋاملاشتۇرۇشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ناتو قىسىملىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

« ناتو ئافغانىستاندا ئافغانىستان خەلقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان تىنچلىق باشقۇچىنى قوللاپ - قۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ»

پاكىستاننىڭ تالىبان تېررولۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئۈچۈن بىخەتەر ماكانغا ئايلانماسلىقى جەھەتتىمۇ مۇھىم رولى بارلىقىنى تەكىتلىگەن سىتولتېنبېرگ، ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، پۈتۈن رايوندا تىنچلىق ئىشقا ئاشىدىغانىلىقىنى ئەسكەرتتى. كېڭەشكە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرىنى قوللاش قارارى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر