مۇسۇلمان ياشلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان چېركاۋنى ئەسلىگە كەلتۈردى
ئىراقلىق بىر گۇرۇپپا مۇسۇلمان ياش، 2014 – يىلى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇسۇلنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن كېيىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ چېركاۋى«Sacred Heart of Jesus» نى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلنىڭ تېلكەيف ناھىيەسىدە ئونلارچە مۇسۇلمان ياش پىداكارلىق بىلەن توپلىنىپ، 1912 – يىلى سېلىنغان چېركاۋنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن جايلىرىدىكى تاش – كېسەكلەرنى چىقىرىپ تاشلىدى، بىنادىكى كۆيۈك ئىزلىرىنى تازىلىدى ھەتتا چېركاۋنىڭ قوڭغۇرىقىنىمۇ ئۆز ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قەدەم، ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان خىرىستىيانلارنىڭ شەھەرگە قايتىپ كېلىشى، ئىبادەتلىرىنى تىنچ – خاتىرجەم ئادا قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە تاشلاندى.
دائېشنىڭ تېلكەيف ناھىيەسىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن كېيىن مىڭلارچە خىرىستىيان ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.
ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى، 9 ئايغا يېقىن داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە 10 – ئىيۇلدا مۇسۇلنىڭ دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.