مارسقا سەپەر قىلىش ئۈچۈن ئالدىن تىزىملىتىش باشلىنىپ كەتتى

مارس سەپىرىگە چىقىش ئۈچۈن ئالدىن تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 2 مىليوندىن ئاشتى.

844475
مارسقا سەپەر قىلىش ئۈچۈن ئالدىن تىزىملىتىش باشلىنىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت ئاۋېئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى «NASA» تەرىپىدىن ئۇيۇشترۇلىدىغان مارس سەپىرىگە جەمئىي 2 مىليون 429 مىڭ 807 كىشى ئۆزىنى تىزىملاتتى.

ئامېرىكا دۆلەت ئاۋېئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى «NASA» تەرىپىدىن 2018 – يىلى 5 – مايدا ئۇيۇشتۇرۇلىشى پىلانلانغان مارسنى بايقاش پىروگراممىسىغا ئىلتىماس سۇنغۇچىلار ئالەم كېمىسىگە ئىنتېرنېت ئارقىلىق مېنىش (يەنى ئالەم كېمىسىنىڭ مارستىكى پائالىيەتلىرىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىۋاستە كۆرۈش) بېلەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

ناسانىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، تىزىملاتقانلار ئارىسىدا 676 مىڭ 773 كىشى بىلەن ئامېرىكا بىرىنچى، 262 مىڭ 752 كىش بىلەن خىتاي ئىككىنچى، 138 مىڭ 889 كىشى بىلەن ھىندىستان ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ناسا«InSight» بايقاش پىروگراممىسى دائىرىسىدە مارسنىڭ ئېكۋاتورى ئەتراپىغا قونۇپ، 720 كۈن بويىچە مارستىكى يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈشنى، مارس ۋە قوياشتىكى قىيالىق پىلانېتلار ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇمات ئېگىلەشنى نىشان قىلماقتا.

«InSight» ئالەم كېمىسىنىڭ 2018 – يىلى سەپەرنى باشلىشى ۋە 2018 – يىلى قېزىل پىلانېتقا يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ناسا 2015 – يىلى «InSight» ئالەم كېمىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئىسىملىرىنى مارسقا يوللاش ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر