سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەتىف شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەتىف شەھىرىدە نامەلۇم شەخس ياكى شەخسلەر بىر ئەسكەرگە ئوق چىقاردى.

842303
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەتىف شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەتىف شەھىرىدە سالاھىيىتى نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر بىر ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.  

ئۆلگەن ئەسكەرگە كىم ياكى كىملەرنىڭ ئوق چىقارغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

قوراللىق ھۇجۇمدا يارىلانغان ئەسكەرنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنمەستىنلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر