گىرېتسىيەدىكى سوتسىيالىست ھەرىكەت پارتىيەسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتېنا (ئافېنا) دا كىملىكى ئېنىقلىنالمىغان ئىككى كىشى، پانخېلېنىك سوتسىيالىست ھەرىكەت پارتىيەسى بىناسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلدى.

842426
گىرېتسىيەدىكى سوتسىيالىست ھەرىكەت پارتىيەسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، ھۇجۇمچىلار ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتتى. ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئەۋەتىلگەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، رايوننى بىخەتەرلىك چەمبىرىكى ئىچىگە ئالدى.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەش خادىملىرى ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پانخېلېنىك سوتسىيالىست ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇشۇ خىل ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پارتىيە باشلىقى، ھۆكۈمەتتىن بىنانى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر